Uyghur主要词典
كارۇسو
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1921) ئىتالىيىلىك ئەرلەر يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى، ئوپېرا ئارتىسى. نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1883 - 1893 - يىللىرى ماشىنىسازلىق ئىشچىسى ھەم بۇغالتىر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داڭلىق ئۇستىلاردىن مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1894 - يىلى نېئاپولدا تۇنجى قېتىم ئويۇن قويغان. 1898 - يىلى مىلاندا ناخشا ئېيتىپ نام چىقارغان. شۇنىڭدىن كېيىن دائىم دېگۈدەك سان - پېتىربۇرگ، موسكۋا، بۇئېنوس - ئايرىس، لوندون، نيۇ - يوركلاردا ئويۇن قويغان. ئۇنىڭ ئاۋازى ياڭراق ۋە يېقىملىق بولۇپ، ھېسسىياتقا باي، 50 ئوپېرادا ناخشا ئېيتقان. ئۇنىڭ <ناخشا ئېيتىش ئۇسۇللىرى> دېگەن ئەسىرى بار.