Uyghur主要词典
كارون جەمئىيىتى قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1930 - 1932 - يىللىرىدىكى بىرما دېھقانلىرىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ يولباشچىسى ساياسان 1929 - يىلى <كارون جەمئىيىتى>نى قۇرغان. <كارون> بىرما ئەپسانىلىرىدىكى زەھەرلىك يىلاننى يەيدىغان خاسىيەتلىك قۇش بولۇپ، قوزغىلاڭچىلار ئۇنى سىموۋول قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇپ مىللىي مۇستەقىللكنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان. 1930 - يىلنىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭ ئاۋۋال تارراۋاددىدا پارتلاپ، كېيىن تېزلىكتە ھەر قايسى جايلارغا كېڭىيىپ مۇستەملىكىچى دائىرىلەرگە قاتتىق زەربە بەرگەن. كېيىن تەشكىلىي جەھەتتىن پۇختا بولمىغاچقا، 1932 - يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىىچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرغان. ساياساننىڭ ئۆزىمۇ قوزغىلاڭ داۋامىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.