Uyghur主要词典
كارتېتا
بىئولوگىيە
<پالاقلىق تاشپاقا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ تاشپاقىلار ئەترىتى، دېڭىز تاشپاقىلىرى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6.0 مېتىر، چوڭلىرىنىڭ 6.1 مېتىرغا يېتىدۇ، دېڭىز تاشپاقىسىدىن كىچىكرەك، بېشىنىڭ چوققىسىدا ئىككى جۈپ ماڭلاي تەڭگىچىسى بار؛ ئۈستۈنكى جاغى لاچىن تۇمشۇقىدەك ئېگىلىپ ئىلمەكلەشكەن؛ دۈمبە قالقىنى 13 پارچە (بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇرتقا قالقىنى بەش، قوۋۇرغا قالقىنى تۆت جۈپ، ھەرقايسى قالقان پارچىلىرى سارغۇچ ئاق بۇلۇتسىمان داغ ئارىلاش قىزغۇچ جىگەر رەڭلىك بولىدۇ)، بالا تەنىسىنىڭ ھەرقايسى مۈڭگۈز ماددىلىق قالقان پارچىلىرى ياپما كاھىش شەكلىدە تىزىلغان بولۇپ، چوڭايغاندا ئاندىن بارا - بارا كىرىشمە شەكىلدە تىزىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق دېڭىز تاشپاقىسىدىن پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. باش ۋە تۆت پۇتىنى قالقىنىنىڭ ئىچىگە يىغىپ كىرەلمەيدۇ. تۆت پۇتى پالاق پۇتسىمان. ئالدى پۇتى چوڭراق بولۇپ، ئىككى تىرنىقى بار؛ كەينى پۇتى كىچىكرەك بولۇپ، بىر تىرناقلىق. قۇيرۇقى قىسقا، كىچىك بولۇپ، ئادەتتە قالقىنىنىڭ سىرتىغا چىقمايدۇ. خۇسۇسىيىتى ۋەھشىي، بېلىق، مولليۇسكلار ۋە دېڭىز يۈسۈنلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. كۆپىيىش ئادىتى دېڭىز تاشپاقىسىنىڭكىگە ئوخشاش، سالىدىغان تۇخۇم سانى دېڭىز تاشپاقىسىنىڭكىدىن ئاز، تۇخۇم سېلىش مەزگىلى 7 ~ 9 - ئايلار بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ئايدا تۇخۇمدىن چىقىدۇ. تروپىك بەلباغ، سۇپتروپىك بەلباغلاردىكى دېڭىزلاردا ياشايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدا سەندۇڭدىن، جەنۇبتا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرقايسى ئاراللارغىچە ھەممىسىدىن تۇتۇشقا بولىدۇ. گۆش سۈپىتى ناچار، تۇخۇمىنى يېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قاسىراق پلاستىنكىسىنى (قالقىنىنى) ئالىي دەرىجىلىك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا، دۈمبە قالقان پارچىلىرىنى دورا (<كارتېتا پارچىسى> دەپ ئاتىلىدۇ) قىلىشقا بولىدۇ. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا <ئېسىل چۆپ دورىلار> دېگەن كىتابتا؛ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ زەھەر ياندۇرۇش، تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن ئەسەبىيلىشىش، بالىلارنىڭ چۆچۈش كېسىلى ۋە غەلۋىرەك، چاقا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ، دەپ خاتىرىلەنگەن.