Uyghur主要词典
كاردان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىش بىلەرمەن، تەجرىبىلىك:
كى مەسئۇدغە ھەمراھ ئىدى بىر كىشى،
ئۆزى كاردانۇ ئۇلۇغ بىر ئىشى.
ئا. نىزرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كاداڭ، تەجرىبىلىك، كەسىپ ئەھلى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن:ئىشنى كاداڭدىن سوراڭ، ئۇننى باداڭدىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشقا قاتتىق بېرىلگەن، ئىشلەپ ھارمايدىغان.
ئىشچاننىڭ ئىچى پۇشماس. ئەقىل باشتا بولسا، ھەر ئىشچان كىشى، ئالدىرماي، ئويلىنىپ قىلىنار ئىشى. ئىشچان ئېشىنى يەر، ھۇرۇن بېشىنى، تىرىشقاق بالا دەرستە ئالدىدا ماڭىدۇ. تىرىشچان ئۆز ئەمەلىيىتىدە مۆجىزە يارىتىشى مۇمكىن. ئاشنى باداڭدىن سورا، ئىشنى كارداندىن.