Uyghur主要词典
كانىشكا
دۇنيا تارىخى
(كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى تەخمىنەن مىلادى 78 - 101 - ياكى 102 - يىللىرى). پادىشاھ ۋىما كادپىسېسدىن كېيىنلا كۇشان پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭىيىپ، شىمالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىدىن باشلىنىپ جەنۇبتا ۋىندخىيە تاغ تىزمىلىرىغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىنىگە ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغىچە بولغان چوڭ دۆلەت قۇرغان؛ پايتەختى پۇرشاپۇرا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋرار دېگەن رايونى) ئىچكى قىسمىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرگە قارىتا يول قويۇش ۋە قوغداش سىياسىتى يۈرگۈزگەن. شۇڭا، مەشھۇر قەندىھار مەدەنىيىتى روناق تاپقان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ماھايانا بۇددا نوملىرىنى تۈزدۈرگەن. تۆتىنچى قېتىملىق بۇددا يىغىلىشىنى ئۆتكۈزگەن، نۇرغۇنلىغان راھىبلارنى چەت ئەلگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. ھۆكۈمرانلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرى دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ خەلق قوزغىلىڭىدا ئۆلتۈرۈلگەن.