Uyghur主要词典
كانوسسا
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى قەلئە.ئۇنىڭ خارابىسى بۈگۈنكى ئېمىلىيە چېگرىسى ئىچىدىكى رېگگىئو يېنىدىكى كانوسسا كەنتىدە. 1076 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسنىڭ پادىشاھى ھېنرى Ⅳ پاپا گرىگورىي Ⅶ بىلەن ئېپىسكوپلۇققا قويۇش ھوقۇقىنى تالاشقانلىقتىن، گرىگورىي Ⅶ ھېنرى Ⅳ نىڭ دىنىي تەۋەلىكتىن قوغلاپ چىقىرىپ، پادىشاھلىق ئورنىنى بىكار قىلىۋەتكەن. 1077 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، ھېنرى Ⅳ پاپا تۇرۇشلۇق جاي كانوسساغا كېلىپ، پاپادىن گۇناھىنى تىلىگەن. خاتىرىلەردە يېزىلىشىچە، ھېنرى Ⅳ گۇناھ كىيىمىنى كىيىپ، ئۈچ كۈنگىچە شەھەر قوۋۇقى ئالدىدا يالۋۇرغاندىن كېيىن ئاندىن پاپانىڭ قوبولىغا ئېرىشكەن. كېيىنكى چاغلاردا <كانوسساغا بېرىش> دېگەن ئىبارە <تىزلىنىپ تەسلىم بولۇش> دېگەن ئىبارە بىلەن مەنىداش سۆز بولۇپ قالغان.