Uyghur主要词典
كامبودژا مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى
领域: دۇنيا تارىخىكامبودژا خەلقىنىڭ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ۋيېتنامنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ لاڭنۇ گۇرۇھىنى ئاغدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان ھەققانىي ئۇرۇشى. 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئامېرىكا لاڭنۇ گۇرۇھىنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، سىخانوكنىڭ (1922 - ) قانۇنىي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا كامبودژاغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. كامبودژا خەلقى كامبودژا كوممۇنىستىك پارتىيىسىنڭ رەھبەرلىكىدە قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بەش يىل جاپالىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ۋە جەنۇبىي ۋيېتنام قورچاق ئارمىيىسنىڭ 100 مىڭدىن ئوشۇق ئارمىيىسىنى تار - مار كەلتۈرۈپ، لاڭنۇنىڭ قورچاق ئارمىيىسىنى يوقاتقان. 1975 - يىلى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى پايتەخت پىنوم - پېننى ئازاد قىلغان، 19 - كۈنى پۈتكۈل كامبودژانى ئازاد قىلغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。