Uyghur主要词典
كامبا سېرېس
دۇنيا تارىخى
(1753 - 1824)، فرانسىيىلىك سىياسىي ئەرباب، قانۇنشۇناس، مونتپېللىئېردىكى بىر ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1774 - يىلىدىن باشلاپ ئادۋوكات بولغان. 1792 - يىلى ھېرائۇلت ئۆلكىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مىللىي ئۇيۇشمىغا كىرگەن. لۇئى 16 - نى سوراق قىلغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى كىچىكتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1793 - يىلى 8 - ئاي ۋە 10 - ئايدا ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ بىرىنچى لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1794 - يىلى 11 - ئايدا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كومېتىتىغا ئەزا بولۇپ، دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىنغان. مىللىي ئۇيۇشما تارقىتىلغاندىن كېيىن، سىناتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1799 - يىلى 7 - ئايدا ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 11 - ئايدا، ناپولېئوننىڭ تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ياسىشىغا ياردەملەشكەن. ئارقىدىنلا ئىككىنچى كونسۇللۇقنى ئۈستىگە ئالغان. 1804 - يىلى بىرىنچى ئىمپېرىينىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 1808 - يىلى ئىمپېرىيە شاھزادىسى، پالما گرتسوگى ھەمدە سېناتنىڭ ئۆمۈرۋايەتلىك باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ناپولېئوننىڭ ئاساسلىق قانۇن مەسلىھەتچىسى. ھەق تەلەپ قانۇنى ۋە باشقا قانۇنلارنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچىسىدۇر. 1814 - يىلى ناپولېئون ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندە، ناپولېئوننىڭ تەختىنى بوشىتىپ بېرىشىنى قوللىغان. يۈز كۈنلۈك سۇلالە مەزگىلىدە يەنە چاقىرتىلىپ، ئەدلىيە ۋەزىرلىكىگە ۋە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. بوربون سۇلالىسى 1815 - يىلى ئىككىنچى قېتىم تىرىلگەندىن كېيىن، بېلگىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. 1818 - يىلى مەملىكىتىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغان، كېيىن پارىژدا ئۆلگەن.