Uyghur主要词典
جۇخۇ
دۇنيا تارىخى
(1879 - 1954) فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئىلگىرى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، كېيىن ئانارخو سىندىكالىزمنى ياقلىغان. 1909-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ ئىشلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شوۋېنىزملىق مەيداندا چىڭ تۇرغان. ئۇرۇشتىن كېيىن فرانسىيىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە پارىژ سۈلھ كېڭىشىگە قاتناشقان. 1919 - 1940 - يىللىرىغىچە خەلقئارا ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى ۋە ئامىستېردام ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خەلقئارالىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، شۇنداقلا خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. جۇخۇ ئىزچىل تۈردە ئىسلاھاتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرغان. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نېمىس ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. 1945-يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. شۇ يىلى فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سېكرىتارى ۋە دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1947-يىلى فرانسىيە باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن <ئىشچىلار كۈچى> ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان؛ شۇ يىلى فرانسىيە ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ تەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1949-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپا تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1951-يىلى نوبېل تىنچلىق ئوردېنىغا ئېرىشكەن.