Uyghur主要词典
جۇدۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق نەپرەت تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان روھىي ھالەت.
ئاچچىق كەلسە، ئەقىل قاچىدۇ. ئاچچىقتىن قېرىيسەن، كۈلكىدىن ياشىرىسەن. غەزەپ ئەقىل چىرىغىنى ئۆچۈرەر. خۇدانىڭ قەھرى تۇتسا، چۈمۈلىگە قانات بېرەر. قەھرى بار، غەيرىتى يوق. جۇدۇنى تۇتسا، ئۇ ھەر بالادىن يانمايدۇ. ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق. زەردىسى بارنىڭ ئەقلى بولسا، ئىش ئاسان بولاتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق سوغۇق، شىۋىرغان.
ئورغاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا قۇت، تاۋاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا جۇت. جېنڭغا جۇت كىرسۇن. قالپىقىنى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ. تاغاقسىدا جۇدۇن كۆپ بولىدۇ. بېلىقچىقۇش بوران _ چاپقۇندىن قورقماس. ھاۋا رايى ئىستانىسسى، ئەتە سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ، دەپ ئالدىن مەلۇمات بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سوغۇق ھاۋا ئېقىمى.
كۆچمە. ئاچچىق غەزەپ.
جۇدۇنى تۇتماق.
مەن باقىغا جاۋاب بەرگۈچە، بەگ جۇدۇن بىلەن سۆزلىگىلى تۇردى.
كۆچمە. ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى توسالغۇ، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىققا تولغان ۋاقىت، بوران - چاپقۇن.
- ئېيتىڭا پاتىمە، سىز بىلەن بىز جۇدۇندا تېپىشقانلار تۇرۇپ، ئىللىق باھاردا تەتۈر قارىشىمىزمۇ؟ - دېدى سۇنۇر ھاياجان بىلەن.