Uyghur主要词典
جۇلىئېن
دۇنيا تارىخى
(1799 - 1873) فرانسىيىلىك خەنزۇشۇناس. كىچىكىدىنلا قېتىرىىنىپ ئۆگىنىپ، خەنزۇچە، مانجۇچە، موڭغۇلچە، سانسكرىتچە ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تىلىنى ئىگىلىگەن. 21 ياشتا فرانك شۆيۈەنىدە خەنزۇشۇناس لەيمۇشانىڭ ياردەمچىسى بولغان. 1832-يىلى خەنزۇچە لېكسىيە پروفېسسورى بولغان. 1833-يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە مېتال ۋە تاش ئابىدىلەر شۆيۈەنىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839 - يىلى پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1854-يىلى فرانك شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولغان ھەمدە ئىمپېرىيە كۇتۇپخانىسىدىكى جۇڭگو بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ئۆز كۈچىنى جۇڭگو مەدەنىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمىي شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش - تونۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <خەنزۇ تىلى ھەققىدە يېڭى تەھلىل>، تەرجىمە ئەسەلىرىدىن <شۇەنزاڭنىڭ ھاياتى ۋە ئنىڭ ساياھىتى> قاتارلىقلار بار.