Uyghur主要词典
جۇلۇڭ مەسچتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت شىياڭگاڭدا بولۇپ، ئورنى جۇلۇڭدىكى مىدۇڭ كوچىسىدا، 1896 _ يىلى سېلىنغان. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ھىندىستان قوشۇنىدىكى مۇسۇلمان ئەسكەرلەرگە سېلىپ بېرىلگەن. 1902 _ يىلى رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن شياڭگاڭدىكى ئىسلام تەشكىلاتىنىڭ باسقۇرۇشىغا ئۆتكۈرۈپ بېرىلگەن. 1980 _ يىلى بۇ مەسچىتنىڭ بىر نەچچە يېرى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن بۇزۇرۋېتىلگەن؛ 1983 _ يىلى مەبلەغ توپلاپ قايتا سالدۇرۇلۇپ، 5_ئاينىڭ 11 _ كۈنى پۈتكۈزۈلدى. ئاساسىي ئىمارەت يېڭىچە ئۈچ قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، بىرىچى قەۋەتتە زال، ۋەزخانا، ئىككىنچى قەۋەتتە نامازخانا بار. ئىككى تەرىپىدە يۇمىلاق تۈۋرۈكسىمان مىئزەنە بار. نامازخانىنىڭ ئىچى ئازادە يورۇق. مىڭغا يېقىن ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ؛ ئۈچىنچى قەۋەت ئاياللارنىڭ نامازخانىسى، ئۈستى يېرىم يۇمىلاق گۈمبەز بىلەن يېپىلغان. پۈتۈن ئىمارەتنىڭ يەر يۈزىگە ئاق مەرمەر تاش چاپلانغان. زامانىۋى مۇئەسسەسەلىرى تولۇق، كۆركەم. بۇلاردىن باشقا، كىتابخانا، سەراپ، داۋالىنىش ئۆيى قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇشلىرى بار.