جۇغۇلداشماق[يەشمىسى:] ① «جۇغۇلدىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] قورققىنىدىن بالىلارنىڭ يۈرەكلىرى جۇغۇلدىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② ئۈزلۈكسىز جۇغۇلداپ كەتمەك، جۇغۇلدىماق:[مىسال:] رازىيە تىلىنى چىقاردى، دوختۇرغا يەنە بەدىنىنىڭ جۇغۇلدىشىدىغانلىقىنى، كۆزلىرىنىڭ قاراڭغۇلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.