Uyghur主要词典
جۇغراپىيىۋىي زو بايقاش
دۇنيا تارىخى
غەرب تارىخشۇناسلىقىنىڭ ⅩⅤ - ⅩⅤⅢ ئەسىرلەردىكى ياۋروپا دېڭىزچىلىرىنىڭ بىر قاتار دېڭىز سەپىرى پائالىيەتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتىشى. بۇ، ئاساسەن:1492 - يىلى كولومبونىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە بېرىشى؛ 1798 - يىلى داگامانىڭ غەربىي ياۋروپادىن يولغا چىقىپ، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھىندىستانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى ئېچىش؛ 1519 - 1522 - يىللىرى ماگېللان ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقىشى؛ 1642 - 1643 - يىللىرى گوللاندىيىلىك ئابېل تاسماننىڭ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە تاسمانىيە (تاسمان دېگەن ئىسىمدىن كەلگەن) گە بېرىشى؛ 1728 - يىلى روسىيىگ ياللانغان دانىيىلىك بېرىڭنىڭ ئاسىيا - ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقۇقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بوغۇزدىن (كېيىن بېرىڭ بوغۇزى دەپ ئاتالغان) ئۆتۈشىدىن ئىبارەت. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى دۇنيا بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، تاۋار ئوبوروتى خىللىرىن ئاشۇرۇپ، مۇستەملىكىلەرنى تالان - تاراج قىلىشقا يول ئېچىپ، نەتىجىدە، ياۋروپادا <باھا ئىنقىلابى> بولۇپ، ياۋروپانى سودا مەركىزى بارا - بارا ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىن ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغا يۆتكەلگەن. <جۇغراپىيىۋى زور بايقاش> دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ياۋروپانى مەركەز قىلغان بۇرژئازىيىىڭ بىر تەرەپلىمە قارىشىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.