Uyghur主要词典
جىسمانىي ھامىيلىق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەرىكەت ئىقتىدارى (مەسىلەن، بالاغەتكە يەتمىگەنلەر) ياكى ھەرىكەتنى چەكلەش ئىقتىدارى (مەسىلەن، روھىي كېسەللەر) نىڭ جىسمانىي، مال - مۈلۈك ۋە شەرىئەتكە ئۇيغۈن ھەممە مەنپەئەتلىرىگە ھامىيلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىدە جىسمانىي ھامىيلىق، نىكاھ ھامىيلىقى، مال - مۈلۈك ھامىيلىقىغا ئايرىلىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسىدە 15 ياشنىڭ ئاستىدىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئانىسى ھامىيلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن دادىسى تەربىيىلەپ ھامىيلىق قىلىدۇ. ھەنەفىيەنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا، قىز بالا 15 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدۇ؛ ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئوغۇل بالا 12 ياشقا، قىز بالا يەتتە ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدۇ.