Uyghur主要词典
جىزيە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېلىقنىڭ بىر تۈرى. مۇسۇلمان ئەللىرىدىن ياشىغۇچى باشقا دىندىكى كىشىلەردىن ئادەم بېشىغا ئېلىنىدىغان سېلىق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ئالىدىغان جان بېجىنى كۆرسىتىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە جىزيە بىلەن خەراج ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، غەيرىي مۇسۇلمانلاردىن ئېلىنىدىغان جىزيە دېيىلدى. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە پەرقلەندۈرۈش باشلاندى. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئەھلى زىممە يەنى يەھۇدىي، خرىستىئان، سابىي، سامىرىي قاتارلىقلار خەزىنىگە جىزيە تاپشۇرۇش كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنى مۇسۇلمانلار قوغدايدىغانلىقى ھەمدە ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە ئىچكى ئاپتونومىيىدىن ۋە دىنىي ئېتىقادتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان ساغلام ئەرلەردىن، قۇللاردىن، يوقسۇللاردىن ۋە تىلەمچىلەردىن جىزيە كەچۈرۈم قىلىندى. قارىغۇلار، مېيىلار، راھىبلار، ئىچىدىكى جېنىنى بېقىپ كېتەلەيدىغانلىرىدىن باشقىلىرىدىنمۇ پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىندى. دەسلەپ ھەر بىر ئادەم يىلدا بىر دىنار ياكى 12 دەرھەم تاپشۇرۇشى بەلگىلەندى. كېيىن بۇ ئاخىرقى چەك قىلىندى. نەق پۇل ياكى كىيىم - كېچەك، ھايۋان قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىر قېتىمدا بېرىۋەتسە بولىدىغانلىقى، لېكىن ھاراق، چوشقا ۋە ھارام بولغان ماللارنى بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەندى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، <ئەسكەر بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش> دەپ ئاتىلىپ، خەراج بىلەن <فاي> (غەنىمەت) دېيىلىپ، خەزىنە كىرىمى قىلىندى.