Uyghur←Chinese主要词典
جېرومىي بوناپارت
دۇنيا تارىخى
热罗姆.波拿巴
rè luó mǔ .bō ná bā
(1784 -1860) فرانسىيە مارشالى، ۋېستفالىيە كورۇلى (1807 - 1813). ناپولېئوننىڭ كەنجى ئىنىسى. 1800 - يىلى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن دېڭىز ئارمىيىسىگە يۆتكەلگەن. 1807-يىلى ۋوتىنبۇرگ مەلىكىسى كاتېرېن بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇ يىلى ۋېستفالىيە كورۇلى بولغان. 1815-يىلى ۋاتېرلوئو جېڭىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ۋوتىنبۇرگقا مۆكۈنۈۋالغان. 1848-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ، جىيەنى لۇئى بوناپارتنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشكەن. ئىككىنچى ئىمپېرىيە دەۋرىدە مەجرۇھ ھەربىيلەرنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى، سىنات باشلىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە خەت - چەكلەر توپلىمى بار.