Uyghur←Chinese主要词典
جېرومې
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
柴霍洛夫斯基
chái huò luò fū sī jī
دۇنيا تارىخى
哲罗姆
zhé luó mǔ
(تەخمىنەن 347 - 419) يەنى سېن - جېرومې ياكى ھىرونمۇ. رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى خرىستىئان دىنى پوپىنىڭ بىرى. دالماتسىيە بىلەن باننونىيە چېگرىسىدىكى سترىدوندا تۇغۇلغان. رىمغا ئوقۇشقا بارغان، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. كېيىن يات دىنلارغا قارشى تۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ داڭق چىقارغان. ئانتيوكىدا پوپ بولغان. تەخمىنەن مىلادى 386-يىلدىن كېيىن پەلەستىننىڭ بېتلېھېم دېگەن يېرىدىكى بىر موناستىردا تۇرغان. <ماتتىل گوسپېلى> نى ئىزاھلىغان. <ئىنجىل> نى لاتىنچە كونا تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ بېكىتكەن (بىر قىسمىنى قايتىدىن تەرجىمە قىلغان)، ئۇ <ئاممىباپ لاتىنچە نۇسخىسى> دەپ ئاتالغان. ⅩⅥ ئەسىردە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قانۇنىي نۇسخىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.