Uyghur主要词典
جورا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. بىر جۈپ ئەر _ خوتۇن ھەمراھلار.
جورا بولماق.* قۇش جورىسى بىلەن ئۇۋا سالار ( ماقال ).
2. لايىق. جوراڭ بارمۇ؟ * جورا تاپتىڭمۇ؟
3. ئۈلپەت، چوپقەت، ھەمدەم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
جورماق، جوراش. كايىماق. ھوي، نېمە جورايسەن؟ * ئۇ جوراپ كەتتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوش، ئىككى. « تاق » نىڭ تەتۈرى.
بۇ يەردە ئەر _ ئايالنىڭ ۋە ئەركەك _ چىشى ھايۋاننىڭ بىر جۈپلىكىگە ئېيتىلىدۇ.
يالغۇز تۇرساڭ دەردىسەر، جۈپ بولۇپ تۇرساڭ، ئۇنىڭدىن بەتتەر. قۇش جورىسى بىلەن ئۇۋا سالىدۇ. جورىسى يوق نەرسە يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يول - سەپەردە بىللە يۈرگۈچى.
سەپەرگە ھەمراھ كېرەك، تىرىكچىلىككە ياردەم. يولدا قوشۇلغان يولداش ئەمەس. سەپەرگە ھەمسەپەت كېرەك. سەپەردىشىڭ ئىت بولسا، قولۇڭدا كالتەڭ بولسۇن. سەيلىگە چىقساڭمۇ جورا تاپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
تەڭتۇش، سەپداش، دوست.
ئارىدىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ گۈلچىمەن، يەڭگىلەر ۋە جورا قىزلار ئارىسىدا ھۇجرىدىن چىقىپ كەلدى.
قانۇنلۇق نىكاھتىكى ئەر ياكى ئايال.
جورا بولماق. جورا تاپماق.