Uyghur主要词典
جودا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇسۇمەت _ ئاداۋەت، دەۋا _ دەستەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۆز _ ھەرىكەتتىن چىققان ئۇرۇش _ تالاش.
ئۇ جېدەلنى سېتىۋالىدۇ. كۈندەشلىك ئۆيدە كۈندە جېدەل. جودا ئەقىلنى ئازدۇرىدۇ، دوستلۇقنى بۇزىدۇ. جودادىن جۇدا بول. شانىياز ئوۋغا چىقسا، كەينىدىن غوۋغا چىقار. كۈندەش كىرسە ئىشىكتىن،جاڭجال چىقار تۆشەكتىن. ماجىرا _ ئەقىلسىزنىڭ قورالى. نىزا _ دوستلار ئارا ئوغا. گەپ قىلمىغىن تەلۋىگە، تەلۋە ئامراق غەلۋىگە. بۇ نېمە غۇلغۇلا، تىنچ تۇرۇڭلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇراپىي چۈشەنچە بويىچە، جىن - شاياتۇنلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەر خىل ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان دۇئا - تەكبىر ۋە ھەرىكەت.
سۆزدىن كېلەر ھەممە سېھىر ۋە ئەپسۇن، كەلىمە بولغاندا مەۋزۇن. جودا قىلساڭ، جايىنى تاپىدۇ. ئەپسۇن ئەر يىگىتكە كار قىلمايدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
سېھرى، جادۇ، كۆز باغلاش، ئەپسۇن. مەسىلەن: جودىگەر _ جادىگەر، سېھرىچى، ئەپسۇنچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇرۇش - تالاش، جېدەل - ماجرا.
جودا تېرىماق. جودا چىقارماق. جودا قىلماق.