Uyghur主要词典
جىن تيەنجۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1690 - 1765)چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىماسى. نەنجىڭلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان. كېيىن جۇڭگوچە ۋە غەرپچە مەكتەپلەردە بىلىم ئالغان. 1726 - يىلى دادىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بېيجىڭغا بارغاندا، تەرجىمە مەھكىمىسىگە قوبۇل قىلىندى. چەنلۇڭنىڭ 3 - يىلى (1738) <ئىسلام دىنىغا دائىر مۈشكىلاتلار شەرھى> ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئىسلام دىنىغا بولغان خاتا چۈشەنچىلەرگە ۋە قايمۇقۇشلارغا جاۋاب بەردى. بويۇڭشيەننىڭ <جۇڭگو ئىسلام تارىخى> ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جېن تيەنجۇ تەرجىمە مەھكىمىسىدە 20 نەچچە يىل ئىشلىگەن. ئۇنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئېنىق ئەمەس.