Uyghur主要词典
جىنجۇ مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرىدىكى بېيگۇەن تيەنئەن ئالدى كوچىسىدا. بۇ مەسچىت مىڭ سۇلالىسىدىكى جياچىڭ (1522 - 1566 ) نىڭ دەسلەپكى يىللىرى سېلىنغان. 1983 - يىلى قايتا سېلىندى. خانىقا ئەرەب بىنالىرىنىڭ شەكلىدە بولۇپ، تۆت بۇلۇڭغا قېنىق يېشىل رەڭلىك يۇمۇلاق تۈۋرۈك ئوتتۇرىسىغا يوغان تۈۋرۈك قويۇلغان. چوڭ -كىچىك گۈمبەزلەرنىڭ ئۈستىگە دات باسماس پولاتتىن ياسالغان ھىلال ئاي بەلگىسى ئورنىتىلغان. خانىقانىڭ ئىچى ئازادە، يورۇق بولۇپ، يېقىملىق ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى تارىخىي خېلى ئۇزۇن مەسچىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.