Chinese→Uyghur主要词典
机体觉
پسىخولوگىيە
ئورگانىك سەزگۈلەر
بۇ ئورگانىزمنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئەكس ئېتىدىغان سەزگۈلەردىن ئىبارەت. بۇنىڭغا تۆۋەندىكىلەر كىرىدۇ: ئاچلىق سەزگۈسى ۋە تويۇش سەزگۈسى، ئۇسساش سەزگۈسى، قۇسقىسى كېلىش سەزگۈسى، جىنسىي قوزغىلىش سەزگۈسى (جىنسىي تەلەپ)، چوڭ - كىچىك تەرەت سەزگۈسى، نەپەس، ھەزىم، قان ئايلىنىش، ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش، كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى خىزمىتىنىڭ نورمال ياكى نورمالسىزلىق ھالىتى سەزگۈسى، شۇنىڭدەك چارچاش (ھېرىش) سەزگۈسى، جىدىيلىك سەزگۈسى، يېنىكلىنىپ قېلىش سەزگۈسى قاتارلىقلار. بۇلار ئىچكى قىسىمدىكى ئومۇمىي ئەھۋلنى ئەكس ئەتكۈچى سەزگۈلەردۇر. ئورگانىك سەزگۈلەر ئىچكى ئەزالار سەزگۈسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەر قايسىسىدا ئورگانىك سەزگۈ رېتسىپتورى بولۇپ، ئىچكى ئەزالاردىكى تۈرلۈك تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇنى ۋىگىتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى مېڭىنىڭ كۆرۈش دۆڭچىسىگە ھەمدە چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ۋەكىللىك قىلىدىغان رايونلارغا يەتكۈزىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلىقى ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلىدۇ. مەلۇم خىلدىكى ئىچكى قىسمىدىكى سەزگۈلەر چوڭ مېڭە پوستلىقى ئارققىلىق كۆرۈش، ئاڭلاش، ھىد، تەم، تېگىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تاشقى قىسىمدىكى سەزگۈلەر بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشقى تۇرمۇش شارائىتى ئىچكى ئەزالارغا تەسىر قىلىدۇ. ئىچكى ئورگانلار پائالىيىتىمۇ تاشقى تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىدۇ. ئورگانىك سەزگۈلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى: (1) مۈجمەل، ئورنى ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئۇنى «قاراڭغۇ سەزگۈ» دەيدۇ. (2) ئادەتتە ئىچكى ئەزالار پائالىيىتى مۇقىم، رېتىملىق ئاددىي ئەمما ئاز ئۆزگىرىدۇ. چوڭ مېڭىگە يەتكۈزىدىغان ئۇچۇرمۇ ئاز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، دائىم تاشقى سەزگۈلەر تەرىپىدىن كۆمۈلۈپ قالىدۇ. پەقەت ئىچكى ئەزالار كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرىغان ياكى كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىلا، چوڭ مېڭە يېڭى ئۇچۇردىن خەۋەر تاپىدۇ. ئەنە شۇ چاغدىلا، ئۇ ئۈستۈن ئورۇنغا ئۆتۈپ سەزگۈ روشەنلىشىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك مەلۇم دەرىجىدە بىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەمدە ۋىگىتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تەنتەربىيە
jī tǐ jiào
ئورگانىزىم سېزىمىDمائارىپ
jī tǐ jiào
ئورگانىزملارنىڭ سەزگۈسى