Uyghur主要词典
جىھات
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: جىھەت. جەھەتلەر؛ تەرەپلەر.
نەرسىلەر، بۇيۇملار، ئەسۋاب، ئەشيا:
دۆلەت؛ مال - مۈلۈك:
ھەم نەقدىڭ ئۈچۈن ئەۋەزدۇر ئاتىم،
ھەم ئۆزگە جىھاتىڭغە جىھاتىم.
نەۋايى.
3. تۈنۈ كۈن تارتقانچە مالۇ جىھات،
تارتتى مېھماننى ئالىغە بات.
نەۋايى.
4. قالماسە ئالەم مەتائېئدىن جىھات،
ئۆزگە نەۋئ ئولغاي ساڭا ئول دەم سىفات.
نەۋايى.
بارلىق:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەرەپلەر، ياقلار، جەھەتلەر؛ يەر، نەرسە، بۇيۇم، ئەسۋاب، ئەشيا، دۆلەت، مال - مۈلۈك.