Uyghur主要词典
جىگەر قاپقا ۋېناسى
بىئولوگىيە
ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئىككىلا ئۇچى كاپىلليار تومۇرلاغا تۇتاشقان بىر تال ۋېنا تومۇرىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاشقازان، ئۈچەي، ئۇيقۇ بېزى (ئاشقازان ئاستى بېزى) ۋېنالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. جىگەرگە تۇتىشىپ كىرگەندىن كېيىن، كاپىلليار تومۇرلارغا بۆلۈنىدۇ ھەم قايتا قوشۇلۇپ جىگەر ۋېناسىنى ھاسىل قىلىپ قان سۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنكى بوشلۇق ۋېنا تومۇرىغا كىرگۈزۈپ يۈرەككە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. جىگەر قېتىشقاندا بولسا، جىگەر قاپقا ۋېناسىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قايتىپ ئېقىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر كېسەل ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئۇيقۇ بېزىنىڭ (ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ) ئىشىپ يوغىنىشى، قورساق سۈيى، قان قۇسۇش ۋە قان تەرەت قىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.