Uyghur主要词典
جىگەر ئۇيقۇ بېزى
بىئولوگىيە
جىگەر پانكرېئاس بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋان تېنىدىكى بىر خىل چوڭ تىپتىكى ھەزىم قىلىش بېزى بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار تىپىدىكى قاسىراقلىقلار ۋە مولليۇسكلار تىپىدىكى باش پۇتلۇقلاردا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، قاسىراقلىقلاردىن كۆل راكىنىڭ جىگىرى جىگەر - ئۇيقۇ بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە نەيسىمان تۈزۈلۈشلەردىن تەركىب تاپقابولۇپ، نەيچە ئارقىلىق ئوتتۇرا ئۈچەيگە تۇتىشىدۇ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتالايدىغان بەز ھۈجەيرىلىرى ۋە سۈمۈرەلەيدىغان ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ؛ باش پۇتلۇقلاردىن قىسقا كاراكاتسىيىنىڭ جىگەر - ئۇيقۇ بېزى ھەزىم قىلىش يولىنىڭ <U> شەكلىدە ئېگىلگەن قىسمىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. ئىككى تال توشۇغۇچى نەيچىسى ئاشقازاننىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سپىرالسىمان سوقۇر خالتىسىنىڭ باشلىنىش ئۇچىغا تۇتاشقان بولۇپ، توشۇغۇچى نەيچىسىنىڭ تۈۋىدىكى ئاق رەڭلىك بەز تەنچىسى ئۇيقۇ بېزى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. جىگەر - ئۇيقۇ بېزى كۆپ خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنى ئاجرىتالايدۇ، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇقلارنى ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىدۇ ياكى قوشۇمچە سۈمۈرۈش فۇنكسىيىسىگىمۇ ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆل راكىنىڭ جىگەر - ئۇيقۇ بېزى چىقىرىۋېتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. بىر قىسىم قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىقلارنىڭ ئۇيقۇ بېزى جىگەرگە ئارىلىشىپ جايلاشقاچقا بىرلەشتۈرۈپ جىگەر - ئۇيقۇ بېزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.