Uyghur主要词典
جەڭ مەيدانىدىكى نىقابلىنىش تېخنىكىسى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
جۇ گې لياڭنىڭ «پاخال باسقان كېمىلەر بـىـلـەن ئوق يـا ئوقلىرىنى يىغىپ ئالغانلىقى» − قـەدىـمـكى زامـان ئۇرۇشـىـدىـكـى نـىـقـابـلـىـنـىـش تېخنىكىسىدىن پايدىلانغانلىقىغا ئائىت نەمۇنىلەردىن بىرى. ئەينى چاغدا، جـۇ گـې لـيـاڭ تېڭىپ تەييارلانغان پاخال ئادەملەردىن يـالـغـان نـىـشـان يـاسـاپ، قـويـۇق تۇماننى مۇداپىئە، دۇمباق ئاۋازى ۋە چۇقان - سۈرەننى نىقاب قىـلـىـپ، سـاۋ ساۋدىن100 مىڭ تالدىن ئارتۇق ئوق «ئارىـيـەت» ئېـلـىـپ، سـاۋ سـاۋنـى چىچاڭشىتىۋەتكەن. ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىدىمۇ نىقابلىنىش تېخنىـكـىـسـى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ، ئۇنىـڭ ئۈسـتـىـگـە نىقابلىنىش ئۇسۇللىرى ئەپچىل ھەم جىق بولۇپ كەتتى. بۇ تەبىئىي نىقابلىنىش، پەردازلاپ نىقابلىـنـىـش، ئىـس - تـۈتـۈن قويۇپ بېرىش، سۈنئىي توسۇق، يالغان نىشان قۇرۇش قـاتـارلـىـقلارنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پەردازلاشقا ئىشلىتىلىدىغان رەڭلەردىن، ئاساسەن، قوغداش رېڭى، شـەكـىـل ئۆزگەرتىش رېڭى، رادارغا قارشى رەڭ قاتارلىقلار بار. مەسىلەن، يېشىل سىرلانغان تانكا ئورماندا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئاق نىقابلانـغـان تـانـكـا قارلىق دالىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، قۇم - تۇپراق رەڭگىدە نىـقـابلانـغـان تـانـكـا بىپايان قۇملۇقتا بىمالال يۈرىدۇ، بـۇ قـوغـداش رەڭـلـىـرى تـۈپـەيـلـىـدىـن دۈشمەننىڭ راست - يالغانغا ھۆكۈم قىلىشى تەسكە توختايدۇ.
يالغان نىشان قۇرۇش نىقابلىنىشنىڭ مـۇھىـم تـەرىپى. جـۇ گـې لـيـاڭ ئەينى يىللىرى »پاخال باسقان كېمىلەر بىلەن ئوقيا ئوقلىرىنى ئالغـان«دا ياسىغان پاخال ئادەملەر قوپال يالغان نىشانلار ئىدى، ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقـان يـالـغـان نىشانلار، مەسىلەن، يالغان ئادەم، يالغان ئات، يـالـغـان زەمـبـىـرەك، يـالـغـان ئايـروپـىلان، يالغان تانكا، يالغان كۆۋرۈك، يالغان باشقۇرۇلىـدىـغـان سىنارەد بازىسى، ھەتتا يالغان زاۋۇت، يالغان شەھەر - بازار قاتارلىقلار ئەينەن ھاسىـل قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئادەمنىڭ ئۇنى پەرقلەندۈرۈشى قىيىنغـا تـوخـتـايـدۇ، ھەتتا بۇلار ئارقىلىق يۇقىرى بوشلۇقتىكى رازۋېـدكـا ئايـروپـىلانـى ۋە رازۋېـدكـا سـۈنئىـي ھەمراھلىرىنى ئالدىغىلى بولىدۇ.
ئىس - تۈتەك ئارقىلىق نىقابلاشتـا، ئىـس چىقىرىدىغان گـرانـات، ئىس دورىسى قاچىلانغان قۇتا، ئىس قويۇپ بېرىدىغان راكېتا، ئىس پەيدا قىلىـدىـغان زەمبىرەك ۋە ئىس پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىسى، ئاۋىئاتسىـيـە ئىس پـەيـدا قىلىش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدۇ، سابىق سوۋېت ئىتتىپـاقى يـەنـە يـېـڭـى تىپتىكى نىقابلىنىش ئىس - تۈتۈنى − لەيلىمە مېتال زەررىچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. يېڭى تىپتىكى نىقابلىنىـش ئىس - تۈتۈنى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق رازۋېدكا ۋە ئىنفرا قـىـزىـل نۇرلۇق ھەربىي ياراغلارغا مەخسۇس تاقابىل تۇرىدۇ. تانكا، پاراخوتلاردا بـۇ خىل ئىس - تۈتۈن ئىشلىتىلسە، ئىنفرا قـىـزىـل نـۇرلـۇق ۋە لازېـرلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنىڭ ئىز قوغلىشىدىن ساقلىنىپ، باشـقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدنىڭ نىشانغا تېگىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك نىـقابلانـغـىـلـى بـولـۇش - بولماسلىق ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش، مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلـەيـدىـغـان بـىـر مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى، يەر يۈزىدىن بوشلۇققىچە، ھەتتا ئالەم بوشلۇقىغىچە ھەر خىل يېڭى تىپتىكى رازۋېدكا ئۈسكۈنىلىرى بار، بۇ »كـۆزلەر«نى قانداق ئالداش ھازىرقى زامان جەڭ مەيدانى سېھىرگەرلـىـرى − نىقابلاش قىسىملىرىنىڭ مۈشكۈل ۋەزىپىسى.