Uyghur主要词典
جەڭ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇرۇش، جەڭ:
كى ئىماننى ئايتىپ دىلۇجان بىلە،
قىلىپ جەڭ ئاغاز شەيتان بىلە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سوقۇش، ئۇرۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش <ئۇرۇش>، <سوقۇش> ئومۇمىي ئاتىلىشى.
<جەڭ> ئۇرۇشنىڭ مەلۇم دائىرە، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى ئايرىم بۆلىكى. خەنزۇچە: 战. كونكرېت ئەھۋالدا <كۈرەش> مەنىسىنى بېرىدۇ.
<ئېتىشىش> ئىككى تەرەپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر - بىرىگە
ئالەمنى بىلگەنلەر دېيىشەر ھامان، ئۇرۇش تاشقىرىدىن كۆرۈشكە ئاسان. شۋېيتسارىيىدە 600 يىلدىن بېرى سوقۇش بولماپتۇ. جەڭ تۈگىمەي ئېتىڭنىڭ ئېگىرىنى ئالما. تىنچ پۈتەر ئىشقىمۇ جەڭ - يېغا ئاچقان، ئادەمنىڭ ئەقلىنى، دېمەك، چاڭ باسقان. 1945 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ماناستا قاتتىق ئېتىشىش بولغان. يېغا چىقسا، يىراق تۇر. يېغىلىقتا يات ياخشى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش.
تىنچلىق، سۈلھ
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش توختىغان ھالەت.
ئۇرۇش - تالاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشنى بىلمىگەن كۈچلۈكنىڭ كۈچى زايا. جەڭگە كەتكەننىڭ ھەممىسى جەڭچى ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ يېگىنى پۇل، ئىچكىنى قان. سوقۇشنىڭ كۆزى سوقۇر. ئۇرۇش - خان - پادىشاھلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى. يېغىدىن يار بويى قاچ. يېغىلىقتا يات ياخشى. تەڭگىدىن تىنچلىق قىممەت. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق بولار. ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش؛ ئۇرۇش.
جەڭ قىلماق. جەڭگە قاتناشماق.
قارشى تەرەپنى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەت، كەسكىن كۈرەش.
سۇ قۇرۇلۇش جېڭى باشلاندى.