جارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] «سالماق» پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:[يەشمىسى:] ① جارچى قويۇپ، ھەممىگە خەۋەر بەرمەك، ئېلان قىلماق:[مىسال:] ئۇ ھاكىمغا ئېلى نۇردىننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ھەققىدە جاكارچىنىڭ كوچا-كوچىلاردا جار سېلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] گەپ تارقاتماق، ھەممىگە بىلدۈرمەك:[مىسال:] ئاق ئېيىق پۇتىنى تېڭىۋېلىپ بارغانلا يەردە: مەن قوشنىلارغا ئوت ئۆچۈرۈشۈپ بېرىش جەريانىدا شەرەپ بىلەن يارىدار بولدۇم، دەپ جار سېلىپ يۈرۈپتۇ. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ۋارقىرىماق، غەلۋە قىلماق؛ جېدەل قىلماق:[مىسال:] ئەزىمەت: بۇ پارقىرىمايدىكەن، ماڭا ئاۋۇ كىشىنىڭ قىلىچىدەك قىلىچنى تېپىپ بەر، دەپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قىلىچ تۇتقان كىشىنى كۆرسىتىپ، جار سېلىشقا باشلىدى.