Uyghur主要词典
جار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سادا، ئېلان، ئاۋاز، نەرە؛ بىرەر ئىش قىلماق، جار سالماق:
چۇ ئەل فىكرىدىن كۆڭلىنى تىندۇرۇپ،
يۈرۈش ھۇكمىنى ئەلگە جار يەتكۈزۈپ.
لۇغەتى چاغاتاي دىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ۋاقىرىماق، چاقىرماق؛ بۇيرۇق، ئېلان: جارلاماق - ئېلان قىلماق، ۋاقىراپ يەتكۈزمەك؛ جارچى - ئېلانچى، ئېلان قىلغۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خوشنا، ھەقەمسايە.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئالۋاڭ، ھاشار. مەسىلەن:
نوم دېگەن سۇ ئايىقى،
يۇلغۇن، توراقنىڭ سانى يوق.
ھوگا ئىسسىق جارى قاتتىق،
خەقلەرنىڭ ئىمكانى يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئۇچلۇق، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ سۈركىلىشىدىن چىققان ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<سالماق> پېئىلى بىلەن بىللە كېلىپ تۆۋەندىكى مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ: جارچى قويۇپ، ھەممىگە خەۋەر بەرمەك، ئېلان قىلماق.
ئۇ ھاكىمغا ئېلى نۇردىننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ھەققىدە جاكارچىنىڭ كوچا - كوچىلاردا جار سېلىشى لازىملىقىنى ئوقتۇرۇپتۇ.
كۆچمە. گەپ تارقاتماق، ھەممىگە بىلدۈرمەك.
ئاق ئېيىق پۇتىنى تېڭىۋېلىپ بارغانلا يەردە: - مەن قوشنىلارغا ئوت ئۆچۈرۈشۈپ بېرىش جەريانىدا شەرەپ بىلەن يارىدار بولدۇم، - دەپ جار سېلىپ يۈرۈپتۇ.
كۆچمە. ۋارقىرىماق، غەلۋە قىلماق؛ جېدەل قىلماق.
ئەزىمەت: - بۇ پارقىرىمايدىكەن، ماڭا ئاۋۇ كىشىنىڭ قىلىچىدەك قىلىچنى تېپىپ بەر، - دەپ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى قىلىچ تۇتقان كىشىنى كۆرسىتىپ، جار سېلىشقا باشلىدى.