Uyghur主要词典
يۇۋۇلدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوغلان يۇۋۇلدى _ بالا تۈزىتىلدى، بالىنىڭ بەتخۇيلۇقى تۈزىتىلدى ( يۇۋۇلۇر - يۇۋۇلماق).
3 - 107
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇمۇلىتىلدى.
توپىق يۇۋۇلدى _ توپ يۇمۇلىتىلدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( يۇۋلۇر _ يۇۋۇلماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئايدىم ئاڭار ساۋۇلما
قۇلباق ئۇزۇ يۇۋۇلما
يۇۋغا سۇۋىن سۇۋۇلما
قاپتى مەنىڭ قايىمى
«دېدىم ئۇنىڭغا كەتمە،
قۇلباققا مەيىل ئەتمە،
تېيىز سۇ بىلەن سۇلانما،
قايىمنى ئېلىپ قاچتى.»
ۋاپاسىزلىق قىلغان بىر كىشىنى تەسۋىرلەپ ئېيتىدۇ: مەن ئۇنىڭغا، قۇلباق (بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى) قا مايىل بولما، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۇمۇلىما، ئۈزۈك سۇ بىلەن (يەر) سۇغارما، دېگەن ئىدىم. ئۇ مېنىڭ قاي قەبىلىسىدىن ئېلىپ كەلگەن قۇلۇمنى ئېلىپ قاچتى.
3 - 107