Uyghur主要词典
يۇيۇنجېڭ
دۇنيا تارىخى
(1848 - 1896) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ۋەزىرى. ئىسمى شېن جى، تەخەللۇسى يىجەي، ئەسلى يۇرتى پخېناندىكى شيەنسوڭ دېگەن جاي بولۇپ، چىئوڭچوڭدودىكى باۋئېن دېگەن جايدا تۇغۇلغان. 1869 - يىلى ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. لياڭشەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، چوللادونىڭ مەخپىي تەپتىشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1881 - يىلى پياۋدىڭياڭ بىلەن ياپونىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە بېرىپ، ۋەتىنىگە قايتىش يولىدا جۇڭگونىڭ تيەنجىن شەھىرىگە كېلىپ لى خۇڭجاڭ بىلەن كۆرۈشكەن. 1882 - يىلى جىن يۇنجى بىلەن بىللە تيەنجىنگە كېلىپ <چاۋشيەن - ئامېرىكا شەرتنامىسى> نىڭ ھۆججەت نۇسخىسىنى تۈزۈش ۋە <جۇڭگو - چاۋشيەن سودىگەرلىرىنىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇق سودا نىزامنامىسى> نى تۈزۈش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1883 - يىلى غەربىي شىمال باش تەپتىش بولغاندا، جۇڭگو بىلەن <جۇڭجياڭ سودا نىزامنامىسى> ۋە <خۇينىڭ سودا نىزامنامىسى> نى ئىمزالىغان، كېيىن يارلىقچى، مەسلىھەتچى دادخاھ قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1893 - يىلى دۇڭشۆداڭ پىرقىسى ئۇنىڭ يۇرتى باۋئېندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئىككى خونامنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ۋالىيسى بولۇپ، ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋەز ئېيتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى تارقىتىۋەتكەن. 1894 - يىلى ياپونپەرەس جىن خوڭجى ئىچكى كابىنېتىنىڭ مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1896 - يىلى روسىيەپەرەسلەر باش كۆتۈرگەندە، ئامما تەرىپىدىن لوڭرېندا چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.