Uyghur主要词典
يۇنان پېرسىيە ئۇرۇشى
دۇنيادىكى قىسمەن ئۇرۇشلار
«يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى»مارافونچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشنىڭ ئارىلىقى نېمە ئۈچۈن42 كىلومېتىر195 مېتىر قىلىپ بەلگىلەنگەن؟ ئەسلىدە بۇ يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاسىيانىڭ ئىران ئېگىزلىكىدە بىر يېڭى دۆلەت − پېرسىيە بارلىققا كەلگەن. ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مىسىرنى بويسۇندۇرغان. ئۇ بويسۇندۇرغان مىللەتلەر ئىچىدە بەزىلىرى كىچىك ئاسىيادىكى غەربىي دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلاشقان گرېكلار بولۇپ، ئۇلار پېرسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا نارازى بولغاچقا، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە يۇنان (گرېتسىيە) زېمىنىدىكى ئافېنا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى باشلانغان. لېكىن قوزغىلاڭ ئانچە ئۇزاق داۋام قىلماي تۇرۇپلا، پېرسىيە تەرىپىدىن باستۇرۇۋېتىلگەن، پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۆز زېمىنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە يۇنانغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان، بۇ ئۇرۇش تارىختا يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى492 - يىلىدىكى بىرىنچى قېتىملىق تاجاۋۇزدا پېرسىيە دېڭىز ئارمىيىسى بوران - چاپقۇنغا ئۇچراپ، كۆپ قىسمى بېلىققا يەم بولغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي پېرسىيە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى دارىئۇس يېڭىدىن يىراققا سەپەر قىلماقچى بولغان ھەمدە ئەلچىسىنى گرېتسىيىدىكى (يۇناندىكى) دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن «تۇپراق ۋە سۇ» ئالماقچى بولغان، بۇ گرېتسىيىدىن (يۇناندىن) تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئىدى. بىرمۇنچە شەھەرلەر بۇ بېسىم دەستىدىن ئۇلارغا »تۇپراق ۋە سۇ« تەقدىم قىلغان. لېكىن قەتئىي تۈردە قارشى ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرغان ئافېنا بىلەن سپارتا تەسلىم بولۇشقا نەسىھەت قىلغۇچىلارنى چوڭقۇر جىلغا ۋە قۇدۇقلارغا تاشلىۋېتىپ، ئۇلارنى «تۇپراق ۋە سۇنى ئۆزى ئېلىۋالسۇن» دېگەن.
دارىئۇسنىڭ ئارمىيىسى ئافېنا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مارافون تۈزلەڭلىكىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. بۇ خەۋەر ئافېناغا يېتىپ كەلگەندە، ھۆكۈمەت دەرھال10 مىڭ كىشىلىك پىيادە ئەسكەرنى ئۇلارنى توسۇپ قېلىشقا ئەۋەتكەن. لەشكەر باشلاپ ماڭغان گېنېرال جەڭ ئەترىتىنىڭ شەكلىنى ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاساسىي كۈچنى ئىككى قاناتقا قويۇپ، ئاساسىي بولمىغان كۈچنى ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن پېرسىيە ئارمىيىسى ئافېنا ئارمىيىسىنىڭ قوشۇنىنى ئوتتۇرىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن، لېكىن ئىككى قانات تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ قورشاۋدا قالغان. ئالدى - كەينى تەرەپتىن دۈشمەننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئەھۋالدا، پېرسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر سانى كۆپ بولسىمۇ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئامالسىز قېلىپ، نائىلاج شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتكەن. تارىختىكى داڭلىق مارافون ئۇرۇشى دېگەن ئەنە شۇ.
غەلىبە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئافېنا ئارمىيىسى خەۋەرچى فىلىپدىسنى شەھەردىكى كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى تېزدىن ئورۇنداش ئۈچۈن خەۋەرچى فىلىپدىس دەم ئالماستىن نەچچە ئون كىلومېتىر يەرگە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئافېنادىكى كىشىلەر توپلانغان مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، «بىز ئەلەمدىن قۇتۇلدۇق!» دېگەن بىرلا ئېغىز گەپنى قىلىپ نەپىسى توختاپ ئۆلۈپ قالغان. بۇ ئىشنى خاتىرىلەش ئۈچۈن،1896 - يىلى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېڭى بىر مۇسابىقە تۈرى، يەنى مارافونچە ئوزۇنغا يۈگۈرۈش تۈرى تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش ئورنى مارافون جەڭ مەيدانى، ئاخىرقى نۇقتىسى ئافېنا بولغان، كېيىنچە بۇ ئارىلىقنىڭ42 كىلومېتىر195 مېتىر كېلىدىغانلىقى ئۆلچەپ بېكىتىلگەن.
لېكىن، مارافون ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشمىغان. پېرسىيە كېيىنچە يەنە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ،1 مىليون كىشىلىك پىيادە قوشۇن ۋە1000 پاراخوتلۇق ھەربىي قوشۇننى باشلاپ كەلگەن. كۈچلۈك دۈشمەن ئالدىدا يۇنان (گرېك) دۆلەتلىرى بىرلىشىپ دۈشمەنگە ئورتاق نەپرەت ياغدۇرۇپ، ئاخىر دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالغان.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ پېرسىيە تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە كىچىك ئاسىيا قىرغاقلىرى (گرېتسىيىنىڭ بەزى شەھەر دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچگە ئالغان ھالدا) غىچە بولغان كەڭ رايوننى ئىگىلىگەن. مىلادىدىن 500 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىيادىكى گرېتسىيە شەھىرى مىلېتوستا بولغان پېرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭ ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پېرسىيە ئارمىيىسى ئۈچ قېتىم گرېتسىيىگە باستۇرۇپ كىرگەن: (1) مىلادىدىن 492 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى دارا Ⅰ (داۋۇش)، ماردونىيىنىڭ قوماندانلىقىدا قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ گرېتسىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلغان. قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سراكىيە چېگرىسى ئىچىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، دېڭىز ئارمىيىسى ئافون دېڭىز تۇمشۇقىدا بورانغا ئۇچراپ، زور تۈركۈم ئۇرۇش كېمىلىرى بىلەن ئەسكەرلىرىدىن مەھرۇم بولۇپ، يۈرۈش ھېچبىر نەتىجىسىز ئاياغلاشقان. (2) مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى دارا يەنە بىر قېتىم داتىس قوماندانلىقىدا تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 600 ئۇرۇش كېمىسىنى ئەۋەتىپ، ئېگېي دېڭىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن؛ ئۇلار ئاۋۋال ئىئوپىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىرىتىرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ئاندىن كېيىن ئافىنانىڭ شەرقىي - شىمالى قىسمىدىكى مارافون دېگەن جايدىن قۇرۇقلۇققا چىققان. ئافىنا پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن پلاتېنىڭ ياردەمگە ئەۋەتكەن 11 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى، ئافىنا سەردارى مىلتىئادنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا پېرسىيە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قلغان، پېرسىيە چېكىنىپ چىقىشقا مەجبور بولغان. مارافون جېڭى يۇنانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن گرېتسىيىدىكى 30 دىن كۆپرەك شەھەر دۆلەتلىرى كورنىتوس شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، سپارتا باشچىلىقىدا پېرسىيىگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەن. ئافىنالىقلارمۇ تېمېستوكلىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. (3) مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى دارانىڭ ۋارىسى كېركېس Ⅰ تەخمىنەن 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن، 1000 ئۇرۇش كېمىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، ئاساسەن بىرىنچى قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش قىلىش يولىنى بويلاپ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. قۇرۇقلۇقتا فىرموپىل ئۆتكىلىنى تارتىۋالغان، سپارتا پادىشاھى لېئونىد بىلەن 300 نەپەر ئەزىمەت شۇ يەردە قۇربان بولغان؛ پېرسىيە ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىگە بېسىپ كىرىپ، ئافىنا شەھىرىنى (ئافىنالىقلار قېرى، ئاجىز، ئايال - بالىلارنى پېلوپوننېس ئارىلىغا كۆچۈرۈپ كەتكەن) بېسىۋېلىپ ئۇنى ۋەيران قىلغان. پېرسىيە فلوتى سۇنېي دېڭىز تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ سالامېن قولتۇقىغا كىرىپ، ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشقان. ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىپ، پېرسىيە ئارمىيىسى تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغان. كېرېس Ⅰ قالدۇق دېڭىز ئارمىيىسىنى باشلاپ بەدەر قاچقان. ئىككىنچى يىلى پېرسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى بلادىپوستا مەغلۇپ بولغان. پېرسىيە تاجاۋۇزچىلىرى گرېتسىيە يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، يۇنانمۇ مۇداپىئەلىنىشتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن. مىلادىدىن 478 يىل ئىلگىرى، ئافىنا دېڭىز ئىتتىپاقى (دېلوس ئىتتىپاقى) قۇرۇلۇپ، گرېتسىيە كۈنسېرى كۈچەيگەن، پېرسىيە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولۇشقا قاراپ ماڭغان. مىلادىدىن 449 - يىل ئىلگىرى، يۇنانلىقلار سىپروس ئارىلىنىڭ سالامېن شەھىرى ئەتراپىدا پېرسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇ يىلى ئىككى تەرەپ <كالىئاس سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالاپ پارسلار ئېگېي دېڭىزى ۋە ھېلىسپونتقا بولغان تىزگىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش، كىچىك ئاسىيادىك گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى بەلگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى خېلىلا ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان. يۇنانلىقلار دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداپ قالغان. گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.