Uyghur主要词典
يۇنانلىشىش دەۋرى
دۇنيا تارىخى
ئېللېنزم ياكى يۇنانلىشىش دەۋرى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. تارىخشۇناسلىق ئىلمىدە ئومۇمەن مىلادىدىن 334 يىل ئىلگىرى، ماكىدونىيىلىك ئالېكساندرنىڭ شەرققە يۈرۈشىدىن باشلىنىپ، مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى، رىمنىڭ پتولېمېي پادىشاھلىقىنى (مىسىردىكى) يوقاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارىخىي دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ. بەزىدە مىلادىدىن 323 يىل ئىلگىرىكى ئالېكساندرنىڭ ئۆلۈمىدىن باشلاپ ھېسابلايدۇ. <ئېللېنزم> دېگەن بۇ ئاتالغۇنى گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس درويىسېن ئۆزىنىڭ <ئېللېنزم تارىخى> ناملىق كىتابىدا ئاۋۋال ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئالېكساندر شەرققە يۈرۈش قىلغاندىن كېيىنكى قەدىمكى يۇنان دۇنياسى مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە كەڭ دائىرىدە تارقىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى تەكىتلەنگەن. كىتابتا قەدىمكى يۇناننىڭ تارىخىي رولىنى ھەددىن زىيادە مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىش مەنىسى ئىپادىلەنگەن. ئالېكساندر ئۆلگەندىن كېيىن، ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشى مىلادىدىن 301 يىل ئىلگىرىكى ئىپىس جېڭىغا داۋاملاشقان. شۇنىڭ بىلەن يۇنانلاشقان ئۈچ چوڭ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇلار: (1) ماكىدونىيە پادىشاھلىقى: ماكىدونىيىنى مەركەز قىلغان، گرېتسىيە رايونى ماكىدونىيىگە بېقىنغان، بۇ يەردە ئاساسلىقى ئانتېۇك خاندانلىقى (مىلادىدىن 276 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۈچ قېتىملىق <ماكىدونىيە ئۇرۇشى> ئارقىلىق، ئاخىر مىلادىدىن 168 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. (2) پتولېمېي پادىشاھلىقى: مىسىرنى مەركەز قىلغان بولۇپ، گۈللەنگەن مەزگىلدە چەت ئەلدىمۇ بىر قىسىم زېمىنغا ئىگە بولغان. پولېمېي خاندانلىقى (مىلادىدىن 305 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان) نىڭ پايتەختى ئالېكساندرىيە (ئىسكەندەرىيە) بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى مۇھىم شەھەر ئىدى. ئۇ مىلادىدىن 30 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. (3) سېلېئۇسىيە پادىشاھلىقى: سېلېئۇس خاندانلىقى مىلادىدىن (312 يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان بولۇپ، دەسلەپ ئىككى دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلغان، زېمىنى ئەڭ كېڭەيگەن چاغدا شەرقى ھىندى دەرياسى، غەربىي كىچىك ئاسىياغىچە يېتىپ بارغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە پېرگام (كىچىك ئاسىيادا)، ئارساك (باكتېرىيە)، پارفىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل بولغان. كېيىن بۇ پادىشاھلىقنىڭ سىياسىي مەركىزى سۈرىيىگە يۆتكەلگەن. شۇڭا <سۈرىيە پادىشاھلىقى> (جۇڭگو تارىخنامىلىرىدە چالجىيە دەپ ئاتالغان) دەپ ئاتالغان. بۇ مىلادىدىن 64 يىل ئىلگىرى رىم تەرىپىدىن يوقىتىلغان. بۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، بولۇپمۇ ماتېماتىكا، فىزىكا، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردىكى زور تۆھپىلەرنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ ۋەكىللىرى ئېئوكلىد، ئارخىمېد، ئارىستارخوس قاتارلىق كىشىلەر. ئالېكساندرىيە مۇزېي (ئۇنىڭدىكى كۇتۇپخانىسى) ئەينى زاماندا خەلقئارا بىلىم يۇرتى بولۇش بىلەن داڭقى چىققان. يۇنانلىشىش دەۋرى - شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.