Uyghur主要词典
يۇمشاق ياغ كىسلاتاسى
بىئولوگىيە
<پالمىتىن كىسلاتاسى>، <16 ئالكىل كىسلاتا> مۇ دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ مولېكۇلىسىدىكى قۇتۇپسىز گىدرو كاربون زەنجىرى <سۇغا مايىل ئەمەس> ھەمدە مولېكۇلىنىڭ پۈتكۈل ھەجىمىنىڭ مۇتلەق چوڭ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭلاشقا مولېكۇلىنىڭ ياغدا ئېرىشچانلىقىنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىسى بولغان كاربوكسىل رادىكالى سۇغا مايىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا پەقەتلا سۇدا نەملىشىدۇ - دە، شۇ سەۋەبتىن سۇدا ئېرىمەيدۇ. ئېتىل ئسپىرت، ئېفىر قاتارلىق ئېرىتكۈچىلەردە ئېرىيدۇ. ساپ مەھسۇلاتى رەڭسىز، پۇراقسىز، مومسىمان ماددا. يۇمشاق ياغ كىسلاتاسىنىڭ ناترىيلىق تۇزى سوپۇننىڭ مۇھىم تەركىبىدۇر. سانائەتتە ھايۋانات مېيى (مەسىلەن، كالا، چوشقا مايلىرى) ۋە ئۆسۈملۈك مېيى (پالما مېيى) نى سوپۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن تەييارلىنىدۇ