Uyghur主要词典
يۇمشاق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
مۇلايىم، يېقىملىق، يۇمشاق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەۋەتمەك، تەيىنلىمەك؛ ئىشلەتمەك؛ كىشى يۇمشىدى - كىشى ئەۋەتتى، تەيىنلىدى؛ ئادەم ئىشلەتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
چىڭ، قاتتىق، بەك، پۇختا، پىششىق ، مەھكەم
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۇمشاق.
ھەر قانداق نەرسىنىڭ يۇمشىقى.
3 - 59
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① يۇمشاق، ② خاس ئىسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. قاتتىق ئەمەس، يۇمران.
يۇمشاق كۆرپە. يۇمشاق نان.
سۈپ. يېنىك، يەڭگىل، سىلىق.
يۇمشاق چارە. يۇمشاق ۋاسىتە.
ئى. ئورگانىزمنىڭ ياللۇغلىنىشىدىن تومپىيىپ چىققان جاي.
يۇمشاق چۈشمەك.