Uyghur主要词典
يۈكسەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەرىجە جەھەتتىن تۆۋەننىڭ تەتۈرى، ئورنى ئادەتتىكىدىن ئاشقان.
ئالىي نىشانغا بارىدىغان يول ھامان ئەگرى - توقاي. جاپا - مۇشەققەتلىك بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ يۈكسەك غايە ھەقىقەتكە يېتىشتۈر. تىنماي يۇقىرى ئۆرلىگەن يۇقىرىدىن نەپ ئالار. بىلىم ياخشى،_ دېدى پىر ئاڭا بىر كۈن، بىلىملىك ئالەمدە ھەممىدىن ئۈستۈن. شەيتىنى غالىس كەلسە، ئىش غالىب كەلمەس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈكسەك، ئېگىز.
يۈكسەك تاغ _ ئېگىز تاغ. ھەر قانداق ئېگىز ۋە ئۇزۇن نەرسىگىمۇ « يۈكسەك» دېيىلىدۇ. بۇ قۇش پېيى مەنىسىدىكى « يۈك» سۆزىدىن ئېلىنغان، چۈنكى يۈكسىلىش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئېگىز نەرسىمۇ شۇنداق ئاتالغان. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۇس ئەس كۆرۈپ يۈكسەك قالىق قۇدى چاقار
بىلگە كىشى ئۆگۈت بېرىپ تاۋراق ئۇقار
«تاپقۇش تاپنى كۆرگەندە ئېگىزدىن تۆۋەنگە شۇڭغۇيدۇ،
دانىشمەن كىشى ئۆگۈت - نەسىھەت بەرسە تېز چۈشىنىدۇ.»
تاپقۇش تاپنى كۆرگەن ھامان ئاسماندىن تۆۋەنگە قاراپ شۇڭغۇيدۇ، دانىشمەن كىشىنىڭ ئوۋلايدىغىنى ئۆگۈت - نەسىھەتتۇر، ئۇ ئۆگۈت - نەسىھەتنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنى يادلايدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.
3 - 60
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئويماق.
تۇچتىن ياكى تېرىدىن ياسىلىدۇ، يىڭنە سانجىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بارماقلارغا سېلىنىدۇ.
3 - 61
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئېگىز، يۇقىرى؛ بۈيۈك، كاتتا.
<سۇلتان ئەخمەت جامەسى> نىڭ ئەتراپىدا ئالتە يۈكسەك مۇنار بار.
ئىلىم - ھېكمەت ئېلىپ چىققاي سېنى يۈكسەككە ئويماندىن، ئىلىم خۇشتارىسەن ھەر چاغ ئىشىڭدا غەلىبە - نۇسرەت بار.
سۈپ. كۆچمە. ئالىي، يۇقىرى، ناھايىتى چوڭ، ياخشى، ئوبدان، ئېسىل.
رەھمەت سىزگە نۇربۈۋى، ئاددىي ئەمگىكىمگە يۈكسەك باھا بەردىڭىز.
ئەرلەر ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئېگىز، ئۈستۈن
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۈستۈن، ئېگىز، يۇقىرى، ئالىي، يۈكسەك.