Uyghur主要词典
يۈك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۈك، ئېغىرلىق، زورلۇق:
مېۋە، مال - دۇنيا:
بولۇپ خەم قامەتىڭ مىننەت يۈكىدىن،
قىلۇرسەن بەدندەلىك، يوق زەرق تائات.
ئابىت.
2. نەزەر سالمايىن ئەل يۈكۈ مالىغە.
تەمەللۇغقە چىقتى ئەۋان ئالىغە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يۈك، ئارتىق.
بىر يۈك بۇغداي _ بىر ئارتىق بولغۇدەك بۇغداي. بۇ سۆز ئېغىرلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.
3 - 3
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇشنىڭ پېيى.
3 - 196
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىر يەردىن ئىككىنچى بىر يەرگە كۆتۈرۈپ ياكى توشۇپ بېرىلىشى لازىم بولغان نەرسە.
يۈك توشۇماق. يۈك ئاپتوموبىلى. يۈك پاراخوتى.
<فىز> ئېلېكتر زەنجىرىگە ئۇلانغان ئۆتكۈزگۈچى ياكى ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى. مەسىلەن، ئېلېكتر لامپىسى. ئېلېكتر ئارقىلىق قىزىغۇچى ئەسۋابلار. ئېلېكتر ماتورى. ئېلېكتر قارشىلىقى قاتارلىقلار.
<فىز> ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك توقۇلمىلار قاتارلىقلارنىڭ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۈستىگە ئالغان خىزمەت سالمىقى.
<بىن> قۇرۇلۇش بۆلەكلىرىگە تەسىر قىلىدىغان كۈچ، ئورنى، مىقدارى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدىغانلىرى ستاتىستىكىلىق يۈك دېيىلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئۆز ئېغىرلىقى ستاتستىكىلىق يۈك بولىدۇ.
بىرەر كىشىنىڭ بېجىرىشى ياكى ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان خىزمەت، ۋەزىپە، مەجبۇرىيەت ياكى مەسئۇلىيەت؛ جاۋابكارلىق.
يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرمەك. ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالماق.
كۆچمە. بىئختىيار كۆتۈرۈش ياكى بېجىرىشكە مەجبۇر بولغان، غەمگە سالىدىغان ئارتۇقچە ئىش، نەرسە.
يۈك بولۇپ قالماق. ئىدىيىۋى يۈك.