Uyghur主要词典
يۈگۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناھايىتى تېز يۈرمەك.
ساغلام بولاي دېسەڭ يۈگۈر، گۈزەل بولاي دېسەڭ يۈگۈر، ئەقىللىق بولاي دېسەڭ يۈگۈر. مېڭىشقا ئېرىنسەڭ، كېيىن يۈگۈرىسەن. بالاڭنى ئىشقا بويرۇپ كەينىدىن ئۆزۈڭ چاپ. بالا چېپىشنى يىقىلىشتىن ئۆگىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر يۆنىلىشكە قاراپ قەدەملىرىنى ناھايىتى تېز ئېلىپ ماڭماق، چاپماق.
بالىلار <ئاتام كەپتۇ!>، <ئانام كەپتۇ!> دەپ يۈگۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
كۆچمە. ئالدىرىماق.
يۈگۈرگەن قالار، بۇيرۇغان ئالار (ماقال).
كۆچمە. تېز ھەرىكەتلەنمەك.
ئۇنىڭ قوللىرى پىيالىغا يۈگۈردى.
كۆچمە. يامرىماق، جىلۋىلەنمەك، پەيدا بولماق.
بۇنى كۆرگەن ساۋۇتنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.
كۆچمە. ھەرىكەتلەنمەك، تىكىلىپ، ئۇدۇللىنىپ ئۇيان - بۇيان ھەرىكەتلەنمەك (كۆز ھەققىدە).
ئۇنىڭ كۆزلىرى تونۇش، ئەمما بەكمۇ قىسقا يېزىلغان پوچېركا ئۈستىدە يۈگۈردى.
كۆچمە. چاپلاشماق، يېپىشماق، ئېسىلىۋالماق.
روزىمەت ئىشنىڭ ئاسىنىغا يۈگۈرىدىغان، پۈتۈن يازنىڭ تولىسىنى شەھەردە ئۆتكۈزىدىغان ھۇرۇن بالا ئىدى.