领域: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىيۈگۈردى.
ئەر يۈگۈردى _ ئادەم يۈگۈردى ( يۈگۈرۈر _ يۈگۈرمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۈندەپ ئۇلۇغ تابارۇ تاۋراق كەلىپ يۈگۈرگىل
قۇرغاق يىلىن بوزۇن كۆر قاندا تۈشەر قۇدى ئىل
«سېنى ياشانغان بىر كىشى چاقىرسا، يۈگۈرۈپ بار،
قۇرغاقچىلىق يىللاردا ئېلىڭگە قارا، ئۇلار نەگە چۈشسە، سەنمۇ شۇ يەرگە چۈش.»
سېنى ياشانغان بىر كىشى چاقىرسا، سەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇر، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بار، قەھەتچىلىك يىللاردا ئېلىڭ نەگە بارسا، سەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە بول. بۇ _ ئېلىڭگە قايغۇلۇق كۈنلەر چۈشكەندە، ئۇلار بىلەن بىللە بول، دېگەنلىكتۇر.
3 - 91