Uyghur主要词典
يېڭى تۈزۈلگەن فامىلىلەر توپلىمى
领域: دۇنيا تارىخىياپونىيىدە پىڭئەن يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن جەمەت تەزكىرىسى. مىلادى 779 - يىلى (يەنلىنىڭ 18 - يىلى) تېننو خىڭۋۇ (737 - 806) نىڭ پەرمانى بويىچە ھەرقايسى جەمەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان شەجەرىگە ئاساسەن، تېننو سوئې (786 - 842) مەزگىلىدە شاھزادە ۋەندو (788 - 830) قاتارلىقلار تۈزگەن. 815 - يىلى (خوڭرېننىڭ 6 - يىلى) پۈتكەن، جەمئىي 30 توم. يەنە بىر توم مۇندەرىجىسى بار. پايتەخت رايونىدىكى ئوڭ - سول تەرەپ ھەمدە شەنچىڭ، شېجىڭ، خېنېي، خېچۇەندە ئولتۇرۇشلۇق 1182 جەمەتنىڭ شەجەرىسى خانلىق ئايرىمىسى، ئىلاھلىق ئايرىمىسى، ۋاسساللىقلار قاتارلىق ئۈچ تۈرگە ئايرىلغان. كېيىن باشقا فامىلىلەر قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ قەدىمكى زاماندىكى ئۇرۇق ھەققىدىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى نۇسخىسى كۆچۈرۈلگەن نۇسخا.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。