Uyghur主要词典
يېڭى تارىخشۇناسلىق ئېقىمى
领域: دۇنيا تارىخىھازىرقى زامان ئامېرىكا بۇرژۇئا تارىخشۇناسلىق ئېقىمى. ئۇنى ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس روبىنسون بىرىنچى بولۇپ تەشەببۇس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى - <يېڭى تارىخشۇناسلىق> تا بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشىنى شەرھلىگەن: (1) تارىخنىڭ دائىرىسىنى جۈملىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پائالىيەتلىرىگىچە كېڭەيتىش؛ (2) تارىخىي پاكىتلارنى ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىئىنەزەرى بىلەن چۈشەندۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش؛ (3) تارىخىي ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرى بىلەن كۆزىتىپ، ئىنسانىيەت تارىخىنى ئۈزۈلمەيدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى دەپ قاراش؛ (4) تارىخشۇناسلىقنىڭ رولى ئۇنىڭ بىزنىڭ ھازىرقىنى چۈشىنىشىمىز ۋە كەلگۈسىنى قىياس قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىدا؛ (5) تارىخىي بىلىمدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتكە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت. روبېنسون كولومبىيە داشۆسىدە كۆپ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تەسىرى بار ئىلمىي ئېقىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى بېرىد، شودۋېل، خايېس (1882 - 1964)، موئون (1892 - 1936)، بارنېس (1889 - 1968)، سارىندىكى (1882 - 1965) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەزكۇر ئىلمىي ئېقىم ئامېرىكىنىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن ئالغان بولۇپ، كونا جۇڭگونىڭ تارىخشۇناسلىق ساھەسىگىمۇ خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。