Uyghur主要词典
يىپەك يولى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زامانلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدىغان بۈيۈك كارۋان يولى. مىلادىدىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگونىڭ يىپەكتىكى ۋە يىپەك توقۇلمىلىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ياۋروپاغا توشۇلغانلىقى ئۈچۈن <يىپەك يولى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسىي لىنىيىسى تۆۋەندىكىچە: شەرقتە جۇڭگونىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى ۋېيشۈي ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربكە قاراپ خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ دۇڭخۇاڭغا بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى يول بىلەن سۇللاغ (قەشقەر) ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ پەرغانە ۋە سوغدىياننىڭ جەنۇبى (بۈگۈنكى سەمەرقەند ئەتراپلىرى) غا بارغىلى بولاتتى ياكى بۈگۈنك شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يول بىلەن يەركەن ئارقىلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئامو دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنلىرى (بەلخ، ئافغانسىتاننىڭ شىمالىدا) بويلاپ غەربكە بارغىلى بولاتتى. بۇ ئىككى يول مەرۋى شەھىرى (ھازىرقى تۈركمەنىستاندىكى مارى) دەپ قوشۇلۇپ، يەنە داۋاملىق غەربكە قاراپ سوزۇلۇپ دامغان (بۈگۈنكى كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا)، ھەمەدان (بۈگۈنكى ئىراندا)، كىتېسفون (باغداد ئەتراپىدا) لاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېفرات دەرياسىنى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سېلېۋكىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئانتاكىيە شەھىرى (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) گە باراتتى. پۈتۈن يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، قەدىمكى زاماندىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇقلۇق يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يولنىڭ بىر تارمىقى تىيانشان تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ئىلى ۋادىسى ئارقىلىق غەربكە سوزۇلىدۇ.يەنە بىر تارماق لىنىيىسى قەشقەردىن بەلخ شەھىرىگە ياكى مەرۋى شەھىرىدىن بەلخ شەھىرىگە بېرىپ، ئاندىن ھىندى دەرياسىنى بويلاپ دېڭىز يولىغا تۇتىشىدۇ. جۇڭگونىڭ تاۋار - دۇردۇنلىرى مانا مۇشۇ كارۋان يولى بىلەن غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىلارغا زور مىقداردا توشۇلغان. قەدىمكى يۇنانلار ۋە رىملىقلار جۇڭگونى <سېرىس> - <يىپەك ئېلى> دەپ ئاتىغان. يىپەك يولى جۇڭگونىڭ ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا غايەت زور رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارىخ
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرى ئېچىلغان، جۇڭگودىن غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا مال توشۇلىدىغان سودا يولى. بۇ يولدا جۇڭگونىڭ يىپەك ۋە يىپەك بۇيۇملىرى چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) دىن خېشى كارىدورى ئارقىلىق ھازىرقى شىنجاڭدىن ئارسكقا (ئاسىيانىڭ غەربىدىكى قەدىمكى تۈركىي دۆلەت) ۋە غەربىي ئاسىيا ھەم ياۋروپادىكى رىم ئىمپېرىيىسگە توشۇلغان