Uyghur主要词典
يىپەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىلە قۇرتى ئىشلەپچىقىرىدىغان يىپكە ئوخشاش يۇمشاق نەرسە، ئۇنىڭدىن تاۋار - دۇردۇن، شايى - ئەتلەس توقۇلىدۇ.
ياقىسىغا يىپەك يېپىشار، يامانغا تىكەن. مەشۇت يۇمشاقلىققا تەمسىل. ئەۋرىشىمدەك بويلىرىڭدىن ئايلىناي، سۇمبۇل كەبى چاچلىرىڭغا باغلىناي. ئىشقى پۇراق ئوتلىرىڭدا داغلىناي، چۆللىرىڭدە پەرھات كەبى ئاھ ئۇرۇپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىلە غوزىسىدىن ئېلىنىدىغان ئىنچىكە تالا ۋە ئۇنىڭدىن ئېگىرىلگەن يىپ، مەشۇت.
خام يىپەك. پىشۇرۇلغان يىپەك.
سۈپ. شۇنداق يىپلاردىن توقۇلغان رەخت، شايى ۋە ئۇنىڭدىن تىكىلگەن.
يىپەك رومال. يىپەك ياغلىق. يىپەك كۆڭلەك.