Uyghur主要词典
يىپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىپەك، پاختا، يۇڭ، كەندىردىن ئېگىرىلىگەن ئۇزۇن نەرسە. توقۇش، تىكىش، باغلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
<رىشتە> ئايرىم قوللىنىلمايدۇ، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدە ئۇچرايدۇ.
<چىگە> كەندىر تالاسىدىن ئېلىنىدۇ، تومراق بولىدۇ.
<تالا> كۆپىنچە تەبىئىي بولىدۇ.
ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز - يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك. يىپىڭ ئېشىكلىك بولسا، ئىشىڭ پۈتۈكلۈك. قوۋم - قېرىداشنىڭمۇ رىشتىسى ئۈزۈلىدۇ. چىگە ئىنچىكە يېرىدىن ئۈزۈلەر. كېۋەزنىڭ پوستىدىن ياخشى تالا چىقىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىپ.
3 - 1
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئات باغلايدىغان ئۇزۇن ئارغامچا. تانىمۇ « يىپ» دېيىلىدۇ.
3 - 1
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پاختا، يىپەك، چىگە، يۇڭ ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تالاسىدىن ئىنچىكە قىلىپ ئېگىرىلگەن، تىكىش، توقۇش ماتېرىيالى.
پاختا يىپ. يۇڭ يىپ. يىپ ئېگىرمەك. يىپ رەخت. ماشىنا يىپى.
ئومۇمەن باغلاش، ئوراش ۋە شۇ قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسە؛ شوينا، كاناپ.
ئاياغ يىپى. يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك.
<بىئول> بەزى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئۆز تېنىدە بولىدىغان تالاسىمان توقۇلما.
يىپ بېزى.