Uyghur主要词典
يوھاننېس
دۇنيا تارىخى
(1831 - 1889) جون Ⅳ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفىئوپىيە پادىشاھى (1872 - 1889). ئېفىئوپىيىنىڭ شىمالىدىكى تېگرېدە ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تېئودور Ⅱ تەرىپىدىن قورۇل قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن، كېيىنرەك تېگرې ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1868 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ تېئودور Ⅱ گە قارشى چىققان. 1871 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەرقايسى بەگلىكلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، دۆلەتنى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى يوھاننېس Ⅳ دەپ ئاتاپ ⅨⅩ ئەسىردىكى ئېفىئوپىيىنىڭ كۈچلۈك پادىشاھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 1875 - 1876 - يىللىرى مىسىرنىڭ تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلغان. 1878 - يىلى شۇئا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. 1887 - 1888 - يىللىرى ئىتالىيە قوشۇنلرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. 1885 - 1889 - يىللىرى سۇلتان مەھدى دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بارغان. 1889 - يىلى 3 - ئايدا مېستېمما جېڭىدە يارىدار بولۇپ ئۆلگەن.