Uyghur主要词典
يۆتكەلمە ۋارىسلىق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆز ئەرەبچىدە <تەئسىب> دېيىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق پرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، نېسىۋىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان قىزلار بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىل ۋە باشقا ئانىدىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىللار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ ئوخشاش رەتتىكى ئاتا جەمەت ۋارىسى (ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكىسى ۋە باشقا ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا - ئۇكىسى) بولسا، نېسىۋە ۋارىسى ھېسابلانماي، ئاتا جەمەت ۋارىسى بولۇپ <ئۆزگىرىپ> كېتىدۇ. ئۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان نېسىۋىسى شۇنىڭغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئەت تۇغقانلار نېسىۋىسىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ. بۇ تۈزۈم ئەر تۇغقانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلىدىن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئايال تۇغقانلار سالاھىيىتىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىدىن شۇنداق دەپ ئاتالغان.