Uyghur主要词典
يىگىتلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەر _ ئەزىمەتكە خاس ئىش - پائالىيەت.
ئەرلىك قىلمىغان ئەر ئەمەس. ئەرلىكنىڭ تەكتى بىرلىك. يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك. ھاجىلىققا ھەرەم. ئەزىمەتلىك _ ئەرنىڭ خىسلىتى. مەد بول، ئوغۇل بالىلىق قىل. ئوغۇل بالىچىلىق ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىگىتلىك، ياشلىق.
« ئەسىز ئانىڭ يىگىتلىكى _ ئىسىت ئۇنىڭ يىگىتلىكى» دېگەن سۆز شۇنىڭدىن كەلگەن.
3 - 69
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يىگىتلەرگە خاس، يىگىتلەردە بولىدىغان، قەيسەر، جەسۇر.
ئۇنىڭ يىگىتلىك غۇرۇرى ئۇنى ئالدىغا سۆرەپ ماڭاتتى.
سۈپ. يىگىت يېشىدىكى، يىگىت باسقۇچىدىكى.
يىگىتلىك چاغ. يىگىتلىك دەۋر. يىگىتلىك مەزگىل.
ئى. يىگىتلەرگە خاس بولغان مەردانىلىك، باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، جاسارەت.
ئوغلۇڭ چوڭ بولسا يىگىتلىكىڭنى ئالار، قىزىڭ چوڭ بولسا چوكانلىقىڭنى ئالار (ماقال).
ئى. كۆچمە. ئادەمنىڭ ياش، ئېسىل ۋاقتى.
نادانلىق ئېلىپ كەتتى، يىگىتلىكتە باشىمنى، مېنىڭدەك ئېلىپ كەتكىن، ھاشىمدەك ئاداشىمنى.