Uyghur主要词典
يىگىرمە بەش ماددىلىق پروگرامما
领域: دۇنيا تارىخىگېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى (ناتسىتلار پارتىيىسى) نىڭ پروگراممىسى، بۇنىڭدا 25 ماددا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. 1920 - يىلى 2 - ئايدا، گىتلېر گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى (ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ تەكتى) نىڭ بىر قېتىمقى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئۇنى جاكارلىغان ۋە شەرھلىگەن. شۇ يىلى 4 - ئايدا، مەزكۇر پارتىيە گېرمانىيە مىللىي سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن رەسمىي پروگراممىغا ئايلانغان ھەمدە 1926 - يىلى <پارتىيىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس پروگراممىسى> دەپ جاكارلانغان. ئۇنىڭ مەزمونى قالايمىقان بولۇپ، مىللىي شوۋىنىزملىق ۋە ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى بىرمۇنچە ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا گېرمانلارنى <بۈيۈك گېرمانىيە دۆلىتى> دە بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ گېرمانىيە خەلقىنى قامداش ۋە ئوشۇقچە ئاھالىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن زېمىن ۋە مۇستەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ گېرمان قېنىدىكىلەرنىلا پۇقرا ھېسابلاش؛ يەھۇدىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش، ئىشلىميە ئېرىشكەن كىرىم ۋە ئۆسۈمگە ئىگە بولىدىغان قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش؛ مونوپول كارخانىلار (ترېست) نى دۆلەت ئىلكىگە قايتۇرۇۋېلىش؛ چوڭ كارخانىلارنىڭ پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش؛ مۇكەممەل بولغان ئوتتۇرا مۈلۈكدارلار سىنىپىنى ساقلاپ قېلىش، چوڭ مىلىچماللار شىركىتىنى ئۇششاق سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا ئىجارىگە بېرىش، يەر ئۆسۈمىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە يەر ئۈستىدە ھايانكەشلىك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ۋەتەن ساتقۇچ خائىن، جازانىخور ۋە مەككار سودىگەرلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش؛ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ۋەھاكازالار تەلەپ قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。