Uyghur主要词典
يەنۈ يەمۈ
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(يازما نۇسخىدىكى يېزىلىشى بويىچە بۇ سۆزنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش قىيىن. مىسالنىڭ ئاخىرقى سۆزىدىن قارىغاندا، ئىككىنچى سۆز « يەمۈ» بولۇشى كېرەك. بىرىنچى سۆز «ن _ n» بىلەن «م _ m» نىڭ نۆۋەتلىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن « يەنۈ» بولسا كېرەك. بىز بۇ سۆزلەرگە مۇشۇ ئاساستا ترانسكىرىپسىيە بەردۇق). «قاراپ تۇر؛ جۇمۇ» مەنىلىرىدە كېلىدىغان جۈپ سۆز. مەن بارغايمەن يەمۈ _ قاراپ تۇر، پات يېقىندا بارىمەن.
3 - 325